تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

xjtiwip.biz

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

1
ئىزدەش
自定义广告1 自定义广告2
ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى ئۇيغۇر تىببى- دورىگەرلىك ئ
تۇمۇرنڭ تۇرلىرى ۋە ئالامەتلەر 1- ئاجىز تومۇرقولغا ئاجىز ۋە ۋ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىنسىيەت دىگەن بۇ مەسىلە ئەڭ نازۇك شۇنداقلا ھازىر ھ
125
http://amanbol.com/uploads/userup/25/1330TDA-5125.jpg ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى(名医维吾尔医专家) htt
http://amanbol.com/uploads/userup/25/1330T5K2-21V-lit.jpg 1. غازىباي (著
يۇمران بۇغامۈڭگزىدىن5گىرام،كەتىرادى
بۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە مەنىي ئازراق كىېلىدىغان ياكى ياكى پەقەت كەلم
كۆك چاينىڭ ئاياللارنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغانلىقى شۈبھىسىز. چۈنكى كۆك چايدا ۋىتامىنc
103 زەمچە (
111 شاقاقۇل مىسرى (欧玉竹ow yu zh
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام ! ئەزا بو
ئادەم بەدىنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى نۇرغۇن كېسەللىكلەر ھەرگىز توساتتىن كېلى
تىببى نەسىھەتلەر ھاپىز كالانى ھ
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ با
مېڭە ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئىلگىرى ، مېڭە ئۆسمىسى ياش - ئۆسمۈرلە
ھېسسىيات خاراكتېرلىك روھىي كېسەل ھېسسىياتنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت توسقۇ
يۈرەكنىڭ ئىسسىق مىزاجلىق كېسىلى يۈرەك ھەركىتى جەھەتلىرىدىلا ئىپ
تۇنۇش يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى-تاجىسىمان ئار
ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھە
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە
جىگەرنى ياغ قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر تەرخەمەك، تۇرۇپ،تەكىي كاۋا، جىنياڭيۇسى، پالەك، تاتلىقيا
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك
>سىل< دېگەن سۆز
بۆرەك يالغۇز ئەرلەر ئۈچۈنلا ناھايىتى مۇھىم ئەزا بولۇپ قالماستىن، بەلكى
ئالامىتى:سۈيدۈك قىستايدۇ،كىچىك تەرەت قىلالمايدۇ
دىئابىت كىسەللىكىگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش بۇ كىسەللىك قەدىمى كىلاسسىك ئەسەرلەردە قەن سىيىش كىسىلى دىگەن
دىئابېت ئاغرىقلىرى قاندىكى قەنت مىقدارىنى ۋاقتىدا ئۆلچەپ تۇرۇشى كېرەك دىئابېت ئاغرىقلىرىنى يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشى، مۇۋاپىق
بىرەر سەۋەبتىن قۇرساق كىرگىت گۆش پەرىدىسى يىرتىىلىپ ھاسىل بولغان كاۋا
چات ئارىلىقىدىكى كىر
جەلەق( ئانالىزىم) تونۇش: بالاغەتكە يەتكەن قىز- ئوغۇللار داۋاملىق شەھۋانىي گەپ سۆزلەرن
دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشى ھەم سىتاتىسكىلىشى ئارقىسىدا شۇنى بايق
ئىنگىلىزچە نامى:syphilis خەنزۇچە نامى:梅毒 تۇنۇش:
تونۇش:بۇ ئالاھىدە باكتىرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرى
خوتۇن دىيشكە بولمايدىغان سۆزلەر 1-باشقىلارنىڭ ئەرلىرىگە قاراپ باققىنا ، نىمدىگەن قابىليە
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇ بو
ئۇيغۇر تىبابەت تىرە كىسەللىكلەر ئىلمى توغىرسىدا چۈشەنچە مەلۇمكى ئۇيغۇر تىب
64 قىچىشىششى ئېغىر بولىدۇ، تېرە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، قىزىرىش، مودو چىقىش، سۇلۇ
بۇ ياش تۇرۇپ چاچ - ساقالنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاقىرىپ كىتى
بىزنىڭ كۈندە ئاز بىر قىسىم چېچىمىز چۈشۈپ، ئورنىغا
ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش http://t3.baidu.com/it/u=3519958168,1838928806
تونۇش:ئاشقازان راكى ئاشقا
قولتۇق تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەتلىك ئاددىي رېتسىپلار بۇزۇلغان خېلىتلارنىڭ چىرىشىدىن قولتۇقتىكى تەر بەزلىرى يالل
نىمىشقا ‹‹ئون ئادەمنىڭ توققۇزىدا گېموروي كېسىلى بار ››دەيمىز?؟ 63 گېموروي مەقئەت بىلەن تۈزئۈچەيدە پەيدا
باللىلاردىكى سىيگەكلىك كىسىلى بۇ كىچىك بالىلار كېچىسى ئ
34 بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تارقىلد
تونۇش:ئاشقازان ۋە 12بارماق ئۈچەينىڭ ئاشقازانغا تۇتاش قىسمىد
ئاشقازان ياللۇغى- غىدىقلىنىش ۋە ز
تۇنۇش:ھەر خىل سەۋەپلەردىن دوۋساق توقۇلمىلىرى ياللۇغلۇنۇپ،
تۇنۇش: ھەرخىل سەۋەپلەردىن دوۋساقنىڭ سۈيدۈكنى بەلگىلىك ۋاقىت ساق
ئۆپكە كېسەللىكلىرى ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ئۆپكە ياكى ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى
ئاچلىق ۋە تەشنالىق ۋاقىتلىرىدا ئېغىرلىشىپ، مۇنچىغا كىرگەندە ياكى قورسىقى تويغاندا يېنىكلىشىپ قالىدۇ. يۆتەل بىلەن نەپەس قىيىنلىشىش
كۆزنىڭ قاپاق قىر
كۆز ئاغرىقلىرىنىڭ سەۋەبلىرى تۆت خىل بولغىنىدەك ئۇنى داۋالاشتىمۇ تۆۋەندى
تۇيۇقسىز گاس بولۇپ قېلىش ھەرخىل سەۋەبلەردىن كىلى
قۇلاق ئىچىدە قاتتىق چىرقىرىغان
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئىرس
بۇ كېسەلدە كۆپىنچە ئاغ
چىش ئاغرىقى سەۋەبلىرىگە قاراپ تۆۋەندىكىچە تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ ۋە
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، م
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، غىدىقلىغۇچى ي
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زىيادە چارچاش، بەدەن ئ
مەھسۇلات نامى:ئەرلەر قۇۋۋەت گۆھىرى :ئاساسلىق تەركىبى:ئادەمگىياھ،بۇغا مۈڭگۈزى،قۇرۇت ئوت،
مەجۈنى سەقەنقۇر بەسباسە، قەلەمپۇر، قوم بېلىق، ج
ئاياللار بالياتقۇئاسراش گۆھىرى 14 تەركىبى :چۆبچىن،قەلەمپۇر،
ئاياللار گۆھىرى شامچىسى ئاساسلىق تەركىبى:ئوق
ئاساسلىق تەركىبى:ھېلېلە زەرد پوستى،
كىشمىش مەجۈنى ئاساسلىق تە
مەلھىمى زەيتۇن شىپالىق رولى:
سۇپۇپى ئەھمەر تەركىبى: ق
تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى:يۈتەل ۋە ئۆپكىنى ياخشىلاش رۇلىغا ئىگە
مەجۈنى سۇئال ئاساسلىق ت
15 ئابدۇللاھ دىئابىت گۆھىرى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ قى
87 قان تازلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش،تۇس
28 ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان خانىم قى
8
مۇرەككەپ سەرتان تالقىنى http://xjtiwip.com/bbs/bazar/sehinix_pic/2
7 مەھسۇلات نامى:قەۋزىيەت كاپسۇلى كۆيگەن خىلىتلابى سۈرۈپ چىقىرىش
جاۋارىش كۇمۇنى تەركىبى: زىر
جىگەرتازلاش گ
دىنار شەربىتىنىڭ قىسقىچە چ
مەجۈنى ئازاراقى ئاساسلىق تەرك
ھەببى تۇربۇت مۇسەككىن ئاساسلىق تەركىبى:تۇربۇ
1.مەدەن مەنبەلىك زەھەرلىك دورىلار :سىماب،موردار سەنگى،ئىسپىداچ(سەفىداپ)،سەممۇلفار
مەسارىدۇس بۇ مەجۈنگە مەسارىدۇس دەپ نام بېرىشنىڭ سەۋەبى : بۇ دور
24 * ئابدۇللاھ چاچ ئۆستۈرۈش گۆھىرى ئاساسلىق تەركىبى: *ھېل
184 ئابدۇللاھ چاچ قۇۋۋەتلەش مەلھىمى ئاساسلىق تەركىبى:جىگدە يىلى
تاش پارچىلاش گۆھىرى تەسىرى: بۆرەك ،سۈي
يەل كۆيدۈرۈش كاپسۇلى ئاساسلىق تەركىبى: چ
بوۋاسىر گۆھىرى ئاساسلىق تەرك
تونۇش: بۇ ئۆپكە جاراھەتلىنىپ جۈدەتكۈ
ئاساسلىق تەركىبى: نى
سۇنۇق يۈز بەرگەندە، بەدەندە يەنە نۇرغۇن زەخمىلىنىش قۇشۇلۇپ ك
بۇ خىل تېڭىق ئۇچۇق سۇنۇقلار يۇقۇملىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئايالىم بىر ئاي ئىلگىرى ئىشخانىسىدا خىزمەتداشلىرىنىڭ سېسىق گېپى بىلەن تويۇقسىز ئايل
مەن 27ياش مەندە يۈرەك تەبىرخىل ئاغىرىق پەيدا بولۇپ قالدى بەزىد
ئەسسىلامۇ ئەلەيكوم مىنىڭ تاماق كۇڭلوم تات
بىر ئايدىن بۇيان ئوڭ كۆزۈمنىڭ ئاستىدىكى كۆز ئەتىراپى مۇسكۇلى تارتىشىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرىلىك
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستازلار، مەن بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم . مۇشۇ
ئۇستاز مەسلىھەت بەرسىڭىز . تاش بۆرەكنىڭ چوڭ كىچىك بۇلۇشى كىسەللىكمۇ پەرزەنت كۆرۈشكە تەسى
مەن توي قىلغىلى بىر يىل بولدى ئايالىمنىڭ تىخىچە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anajan4331 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-29 01:58 ئەسسالامۇئەلەيكوم،مەن ھاز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز:handshake. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ئۇغلۇم 9 ئايلىق بولدى.بۆشۈكتە ياتىدۇ.كىچىسى كىچىسى تولا يىغلاپ ئوي
بالام6ئايلىق بولدى 3ئايلىق بولغاندىن باشلاپ تۇرۇپ تۇرۇپ كۆزقارچۇقى تارتىشىپ ئاسمانغا قارايدۇ 5-1
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار مېنىڭ يۇز-قۇل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازىم يۇزۇمگە زەيتۇن مىيى چاپقان ئىدىم ئا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈبھى610 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-22 05:46 1. بەدەننىڭ يې
مەن ئلگىرى ئانالىزىم بىلەن شۇگۇنلان غان ھازىر
ئانانىزىم بىمارلىرىدا يۈرەك، مىڭە ، جىگەر قاتارلىق بۇ ئۈچ مۇھىم ئەزانىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي بالدۇر كىت
مەن بۇيىل 26ياشقا كىردىم ، ئىكك
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىۋىپ مۇنبىرىدىكى بارلىق تورد
1. قىزلار ناھايىتى سىلىق-سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى، ھەرگىزمۇ ھازازۇل –قوپال بولۇپ قالماسلىقى
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟ سېنگاپور سەھەر بىرلەشمە گېزىتى ساغلاملىق سەھىپىسى خەۋى
33 ئادەم ئورگانىزمىدىكى كالتسىينىڭ %99ى سۆڭەكتە ساقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ سۈڭەكنىڭ كۈچلۈك، زىچ ۋە ئېلاس
قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋىقىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش
ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشبۇرۇن بوش
نۇرغۇن ياش ئانىلار بالىنى ھەر نۆۋەتلىك ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدىغ
ھامىلدارلار جىنسى يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان قايسى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا ھامىلە يوقۇملىنىدۇ؟ ئۇلار قايتا ھامىلدار بولۇ
1. قوغۇشۇن ، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇر
1- كۇن نۇرى كۇن نۇرى ئادەم تىنىنىڭ ساغلام بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئوز
ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى1.جىنسىي ئىقىدارىڭىزنىڭ نورمال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ . بۇ ، ئوتتۇرا
ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئالىدىغان لەززىتى ئەرلەر دىققەت قىلىدىغان موھىم بىر مەخپى
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا جىنسىي ئالاقە ئوڭۇشلۇق بولماسلىق ھادىسىسى داۋ
90 -يىللاردا ئامىركىنىڭ ئاتاقلىق جىنسىيەت ئىلمى ئالىمى ماستىس ۋە جۇنسۇن قات
ئادەتتە، كۆپىنچە كىشىلەر كۆڭۈلدىكىدەك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ياخشى پەيتلىرىگە بەكرەك ئە
ئاچچىقلىنىش ۋە ئىشتەي 185 پىسخولوگلارنىڭ قا
ئېرىڭىز بىر كۈن ئالدىراش ئىشلەپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە كۆرگىنى قانداق
چۈشتە بىر سائەت ئۇخلىسا ئادەمنىڭ زېھنى كۈچى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆست
غولپىياز : ﻏﻮﻟﭙﯩﻴﺎﺯ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ ، ﺧﻮﻟﯩﺴﺘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
كۈنىمىزدە سىمىزلىك ۋە سىم
5 لازا بىر خىل ئادەمنىڭ ئىتىھاسىنى ئاچىدىغان ئادەم مىھرىنى ئۈزەلمەيدىغان يېمەلىك لىكىن بەزى بىمارلار ئۇنى
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار ۋە يېمەك ـ ئىچمەك ئارقىلىق ئادەمنىڭ بەدىنىگە كىرەكلىك بولغان بەزىبىر ئوزۇق
32 نەشپۈت كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان بىر خىل
يېمەكلىكنىڭ ئاچلىقنى بېسىش رولى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۈتۈش ۋە ساقلىقنى ساقلا
كۆمەچ; 46ماتېرىيالى: بۇغداي ئۇنى،گۆش،پىياز،قارىمۇچ،زىرە مۇۋ
دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ئىچىپ بەرگەندە زۇكامنىڭ ئ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1995 - يىلى ئەيدىز ( HIV ) يۇقۇمدارى بايقالغا
ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىق
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘ
1. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ
مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق تورداشلىرمىز سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شىنجاڭ تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تور بېكىتىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەم ق
مۇراجەتنامە ___ قىزىمنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار.....:'( :'( :'( :'( ئەسسالام
كۆرۈش: 6780|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

841

تېما

1779

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
1779
تىللا:
8377
تۆھپە:
5000
جەۋھەر يازما:
23
توردا:
1725 سائەت
ئاخىرقى:
2017-6-26

تېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇل

QQ
ۋاقتى: 2012-11-16 14:04:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر تىببى دورىگەرلىك ئىلمى ۋەتەن تىببى - دورىگەرلىك ئىلمى غەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى. ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بۇيان كېسەللىكلەرگە قارشى قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ ئومومى يەكۈنى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى تونۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىز مەدىنىيتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى مول مەدىنىيەت ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمى بىر مىللەت. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي جەريانى ۋە كىشىلىك جەميەتنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى بىلەن بىرگە كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك تۈمەن - ماددى ۋە مەنىۋىي بايلىقلار جۈملىدىن ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدە ئاجايىپ كەشپىياتلارنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پارلاق مەدىنىيەت غەزنىسىنى بەرپا قىلىشتا ھەم ئاسىيا مەدىنىيتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزىگە مۇناسىپ شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ، ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇ، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئەمچى، ئاتاساغۇن، تېۋىپ ۋە دورىگەرلەرنىڭ سان-ساناقسىز ۋاستىلىق ياكى ۋاستىسىز، مۇۋەپپەقىيەتلىك ياكى مۇۋەپپەقىيەتسىز تىببى تەجىرىبىلىرى، دورىگەرلىك ئىختىرالىرىنىڭ توپلىنىشى، رەتلىنىشى، ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا يىزىپ قالدۇرۇشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. دىمەك، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى، ئىلمى تەجىربە ۋەتۈرلۈك ئاغرىق سىلاقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى جەريانىدا يەكۈنلىگەن ئىلمى يەكۈنى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىببى - دەرىگەرلىك ئىلمىنىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدىنى مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا ئەجدادلىرىمىزنىىڭ غەربىي زىمىنىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان كەڭ زېمىنىدا ياشاپ، ئۆسۈپ، كۆپىيىشىدە ئاساسلىق رول ئويناشتىن تاشقىرى، ھەرمىللەت خەلقلىرىنىڭ سالامەتلىگىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتە زور تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتنىڭ جۈملىدىن زاڭزۇ، موڭغۇل، جۇڭيى تىبابەتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگىمۇ نۇرغۇن ھەسسىلەرنى قوشقان. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ۋەتەن تىبابەتچىلىگى غەزىنىسىدىكى چاقناپ تۇرغان گۆھەر، جۇڭخۇا مىللەتلىرى پارلاق مەدىنى بايلىغىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى 2500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. بۇھەقتە مەملىكىتىمىزنىڭ يازما خاتىرىلىرى، قېزىپ ئېلىنغان ئارخلوگىيلىك ماددى مەنبەلەر ۋە شىنجاڭدىن چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يازما ماتىرىياللاردا؛ بېرلىن، لوندون، موسكۋا، لېنىنگىراد، توكيو، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تارىخىي مۇزىيلىرىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە ئائىت نۇرغۇن ماتىرىياللار ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، خېلى كۆپ قىسمى تېخى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنمىدى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلىي تىبابەتچىلىك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىگە خاس مۇكەممەل، سېستىمىلىق نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئىگە. يەنى، تۆت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) نەزىرىيىسى، مىزاج نەزىرىيسى، تۆت خىلىت نەزىرىيسى، ئەزالار نەزىرىيسى، قۇۋۋەت نەزىرىيسى ۋە ساقلىق ساقلاش زۆرۈر قائىدىلىرى، كېسەللىك سەۋەپلىرى، كېسەللىكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش، كېسەللىكلەرگە دىئاگونوز قويۇش (ئىلمى تەشخىس) تەزىرىيلىرى، داۋالاش قائىدە- پىرىنسىپلىرى، ئۇسۇللىرى، يىمەك- ئىچمەك، كۈتۈش ھەققىدە ۋە مۇكەممەللەشكەن دورا ئىلمى، ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى ھەققىدە بىر يۈرۈش نەزىرىيلىرى بار.

كلنىك جەھەتتە كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى، تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى (تېرە كېسەللىكلىرى، چىقىق- سۇنۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى، ئاياللار كىسەللىكلىرى ئىلمى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى قاتارلىق ھەرقايسى مەخسۇس بۆلۈم پەنلىرىگە ئايرىيدۇ. ئۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات ۋە كلىنىك ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆز مەزمۇنىنى بېيىتقان ۋە ھەرقايسى كلنىك بۆلۈملەرگە خاس بولغان تەزىرىيە ۋە كلىنىك داۋالاش ئىلمى بولۇپ سېستىمىلاشقان. تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخىلوگىيلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن 1400-1000يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمىز كىسەللىكلەرنى تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز كېسەللىكلىرى، قۇلاق، نەپەس ئېلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، ھەرتۈرلۈك ئىچكى كىسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى ۋە جىنسى ئەزا كېسەللىكلىرى، جەراسىم (مىكروپ، ۋىرۇس) كېسەللىكلىرى ۋە تازلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەققىدە نەسىھەتلەر قاتارلىق 12چوڭ تۈرگە ئايرىغان. يەنە بىر يۈرۈش مۇقىم دورا ئۆلچەملىرى بولغان. بۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ مۇندىن 10نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا خېلى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقى، مۇكەممەل سېستىما بولۇپ شەكىللەنگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئادەم بەدىننىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىققا دائىم، زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىغىنى ئالاھىدە كۆرىسىتىدۇ. كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپىدىغانلىغى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلار زىددىيتى نەتىجىسىدە تەرەققى قىلىدىغانلىقى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىرىدە بولىدىغانلىغى، ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يىتىلمەيدىغانلىغى، ھاياتلىق بولمايدىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. تۆت ئاناسىر ئوخشىمىغان 4خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددا بولۇپ، ئوت، قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا، ھۆل ئىسسىق؛ سۇ، ھۆل سوغاق؛ تۇپراق، قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە زىت شۇنىڭدەك بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار بەدەندە ئىسسغلىق، سوغاقلىق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت 4خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. 4كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارمۇ- قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مىزاجلار مۆتىدىل ۋە غەيرى مۆتىدىل دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. غەيرى مۆتىدىل مىزاج يەنە يالغۇز (ئىسسىق، سوغاق، ھۆل، قۇرۇق) ۋە مۇرەككەپ (قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسق، ھۆل سوغاق، قۇرۇق سوغاق) غەيرى مۆتىدىل مىزاجلارغا بۆلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.

تۆت خىلىت تەلىماتى تۆت ئاناسىر، كەيپىيات ۋە مىزاجلار توغرىسىدىكى قەدىمى ماتىرىيالىستىك كۆز قاراشلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ساقلىق، كېسەللىك، كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى تەرىپلەش، چۈشەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەلىماتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى تۆت خىلىتنى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاناسىرنىڭ بەدەندىكى تەقلىت زاھىرى دەپ شەرھىلەيدۇ.

تۆت خىلىت (سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا) بەدەننى تەشكىل قىلغان، بىر -بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلار بولۇپ، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، قاننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، بەلغەمنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغاق، سەۋدانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغاق. ئۇلار ھاياتلىقتا سەرپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئىشلىنىپ دەۋرى قىلىپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرتلىرىنى ھازىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى تىزگىنلەيدۇ، تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلىغى نىسبى، زىددىيتى مۇتلەق بولىدۇ. تەڭپۇڭلىغىنىڭ بۇزۇلۇشى، سان ياكى سۈپەت جەھەتتىكى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى، كېسەللىك ئۆزگرىش ھالىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىغى، سان، سۈپەت جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىم ئىچكى سەۋەپلىرى؛ تەبىئەت دۇنياسىدىكىق تۆت ئاناسىر ۋە باشقا ئامىللارنىڭ غەيرى تەسىرى تاشقى سەۋەپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

دىمەك ئۇيغۇر تىبابىتى، ئىنسان بەدىنى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ بىرلىگى ۋە زىددىيتى ئاساسىدا تەرەققى قىلىدۇ ۋە ھاياتلىق جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، ئادەمنىڭ ئومومى بەدىننى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايدۇ. ئەزالارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا قاراپ، باشقۇرغۇچى ئەزا ۋە باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار دەپ 2چوڭ تۈرگە ئايرىپ كونكىرىتنى تەرىپلەيدۇ. يەنى مىڭە، يۈرەك، جىگەرلەرنى باشقۇرغۇچى ئەزا (رەئىس ئەزا)لار؛ ئۆپكە، ئاشقازان، تال، ئۈچەي، بۆرەك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ ھەم يۇقۇرقى ئەزالار كونكىرىتنى روللىرىغا قاراپ بەزەنلىرىنى ھەم باشقۇرغۇچى ھەم باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. مىڭىنى تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە جىسمانى يەنى روھى نەفسانىنىڭ مەركىزى؛ يۈرەكنى تىرىكلىك (روھى ھايۋانى)نىڭ باشلىنىش مەنبئى؛ جىگەرنى ئىنسان ھاياتىدىكى تەبىئى كۈچنىڭ مەركىزى دەپ قارايدۇ.

ئادەم ھاياتى تامانلانغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئەقلىي ۋە جىسمانى ھەركەتلەر سەۋەپچىسى بولغان ئامىل - قۇۋۋەتنى چوڭ جەھەتتە ھاياتلىق كۈچى (قۇۋۋەيى ھايۋانى)، روھى كۈچى (قۇۋۋەيى نەفسانى)، ۋە تەبئى كۈچى (قۇۋۋەيى تەبىئى) دەپ 3گە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى نۇرغۇنلىغان كۈچلەرگە ئايرىپ ئايرىم- ئايرىم تەرىپلەپ شەرھىلەيدۇ.

ساقلىق -ساقلاش جەھەتتىكى بىر نەچچە زۆرۈرىيەت ۋە قائىدىلەر يەنى ھاۋا، يىمەك-ئىچمەك، ھەركەت- دەم ئېلىش، ئۇخلاش- ئويغاقلىق، تۇتۇش ۋە چىقىرىش، روھى ھالەتلەر، تازلىق، يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ھەمدە ياشانغانلار، ھامىلدارلار، بالىلار، ئاياللارنىڭ سالامەتلىگىنى ئاسراش جەھەتتىكى بىلىملەرنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى كىسەللىكلەر سەۋەپلىرىنى ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپ دەپ 2گە بۆلۈپ، كونكىرىتنى تونۇشتۇرىدۇ. ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى خېلى تەپسىلى ئېنىق كۆرستىدۇ.

كېسەللىكلەرنى چوڭ جەھەتتە يالغۇز كېسەللىكلەر ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەر دەپ 2تۈرگە ئايرىيدۇ. يالغۇز كىسەللىكلەرنى يەنە مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى، تەركىپنىڭ بۇزۇلۇشى، پۈتۈنلۈكنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئىبارەت 3كە بۆلۈپ، مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى يەنە ماددىلىق ۋە ماددىسىز بۇزۇلۇشى دەپ نۇرغۇن تارماقلارغا ئايرىپ بىرمۇ-بىر سەۋەپ، ئالامەت، داۋالاش ئۇسۇللىرىغىچە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىلىي تەجىربىلىرىدىن ئۆتكەن، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش كىسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، تونۇپ ھۆكۈم چىقىرىش ئىلمى بار. ئۇ، قەدىمى كىتاپلاردا ئىلمى تەشخىس دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەللىكنى توغرا تونۇپ دىئاگونوز قويۇش، كېسەللىكلەرنى دول مۇۋاپىق داۋالاپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى. ئۇيغۇر تىبابىتى، تۆت ئاناسىر تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، خىلىت تەلىماتى، قۇۋۋەتلەر نەزىرىيسى ۋە ئادەم بەدىندىكى ھەربىر ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيتى نەزىرىيلىرى ئاساسىدا ھەمدە مۇھىمى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىگى ۋە ئۇنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان بىرلىگى، زىددىيتى ئاساسىدىكى تونۇشلىرىنىڭ يېتەكچىلىگىدە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئىچكى -تاشقى سەۋەپ ۋە باشقا ئامىللار ھەمدە ئالامەتلەرنى ۋاستىلىق ۋە ۋاستىسىز ھەرخىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، كېسەللىكلەرگە دىئاگونوز قويىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى، قاراپ تەكشۈرۈش، تىڭشاپ تەكشۈرۈش، سوراپ تەكشۈرۈش، پۇراپ تەكشۈرۈش، سىلاپ تەكشۈرۈش، تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش يەنە چوڭ- كىچىك تەرەتلەرنى تەكشۈرۈش، قوسۇق، خەپرۇكلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر قاتار ئىلمى ئۇسۇل چارىلەر ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگونوز قويۇشتىكى بىرىنچى قول مۇھىم ماتىرىياللارغا ئېرىشىدۇ. ئۇلارنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، سىلىشتۇرۇپ، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاپ توغرا دىئاگونوز قويۇشقا يەنى، كېسەللىكلەرنى توغرا داۋالاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاساس تۇرغۇزىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى چوڭ جەھەتتە، ھەرخىل پەرۋىش قىلىش، تەبئى ۋە روھى چارىلەر بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىتتەدبىر)؛ يىمەك- ئىچمەكلەر بىلەن داۋلاش (ئىلاجى بىتتەغزىيە)؛ دورىلار بىلەن داۋلاش ( ئىلاجى بىلئەدۋىيە)؛ قول ئەمىلىيتى بىلەن داۋلاش (ئىلاجى بىليەد) دەپ 4كە ئايرىپ تەپسىلى توختىلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى كىسەللەرنى دورا بىلەن داۋلاپلا قالماستىن ئامال بار روھى تەبىئى جەھەتتە، يىمەك- ئىچمەك جەھەتتە داۋالاشقىمۇ ئىنتايىن ئېتىۋار بىلەن قارايدۇ. بۇدەل ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نوقۇل ھالدا دورىغىلا تايانماي، «ئۈچ ئۈلۈش دورا يىسەڭ، يەتتە ئۈلۈش كۈتۈن»نى تەكىتلەپ، روھى كەيپىيات، پەرۋىش قىلىش، چىنىقىش، يىمەك- ئىچمەكلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمىلىك تەبىئى ئۇسۇللار بىلەن كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ئەتراپلىق مۇكەممەل سېستىمىلىق داۋالاش ئۇسۇلىلىرىنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش پىرىنسىپلىرى تۆت ئاناسىر، مىزاج، خىلىت ۋە قۇۋۋەت تەلىماتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپرەك مىزاجىنىڭ خىلىت (ماددا)لىق ۋە خىلىت (ماددا)سىز بۇزۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەم ئۇلارنى تۈزىتىش، كونكىرىتنى ئەھۋالىنى كونكىرىتنى ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشنى تەكىتلەيدۇ.

مىزاجنىڭ خىلىت(ماددا)سىز بۇزۇلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەنى ئىسسق، سوغاق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن دەپ 4كە بۆلۈپ ئوموملاشتۇرۇپ سۇ ئىلمىزاج سازەج دەپ ئاتايدۇ. داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ، قارىمۇ- قارشى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ داۋالايدۇ، يەنى ئىسسقتىن بولسا، سوغاقلىق؛ سوغاقتىن بولسا، ئىسسىقلىق؛ ھۆللۈكتىن بولسا قۇرۇقلۇق؛ قۇرۇقلۇقتن بولسا، ھۆللەشتۈگۈچى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىزاجنى تەڭشەيدۇ. بۇ ئىلاجى بىلئەززات دەپ ئاتىلىدۇ.

مىزاجنىڭ خىلىت(ماددا)لىق بۇزۇلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنىمۇ ئىسسىق، سوغاق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن دەپ 4كە بۆلۈپ، ئوموملاشتۇرۇپ سۇ ئىلمىزاج ماددى دەپ ئاتايدۇ. داۋالاشتا كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا قاراپ، ماددىنى بەدەندىن چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ماددىنى پىشۇرغۇچى مۇنزىج دورىلارنى، كىيىن ماددىنى ھەيدەپ چىقىرىش (تەنقىيە قىلىش) ئۈچۈن مۇسھىل (سۈرگۈچى) دورىلارنى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەھۋالغا قاراپ ئومومى بەدەن ياكى شۇ ئەزانىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالغۇچى، كۈچەيتكۈچى مۇقەۋۋىيات دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. كېسەللىكلەر بىرخىل كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇشىدىنلا بولۇپ قالماي، بەلكى كۆپىنچە ئىككى خىل كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدۇ. يەنى قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغاق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق بولۇپ، مىزاجنىڭ بۇ خىل بۇزۇلۇشى سۇ ئىلمىزاج ماددى مۇرەككەپ دەپ ئاتىلىدۇ. داۋالاش قائىدە- پىرىنسىپى، سۇئىلمىزاج ماددى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. مانا بۇ، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىر چوڭ قائىدە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە كېسەللىكلەرنىڭ يالغۇز (ئاددى) كېسەللىگى ياكى مۇرەككەپ كېسەللىكلىگى، ئاساسى كېسەل ياكى قوشۇمچە كېسەللىكلىگى، نۆۋەتتە جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئالامەتلىرى، ئىككىنچى قەدەمدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەرخىل زەھەرلىنىشلەردە، زەھەرلىنىشنى قايتۇرغۇچى، زەھەرنى سۇسلاشتۇرۇغۇچى، تەسىرىنى توسقۇچى دورا ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: قان ئېلىش، قەي قىلدۇرۇش، ئاشقازاننى يۇيۇش، ھوقنە قىلىش، دورا ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىچكۈزۈش، چوڭ- كىچىك تەرەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، كۆيۈپ قېلىش، بوغۇملار جايىدىن قوزغۇلۇش، سۆڭەكلەر سۇنۇش، ئۈچەي توسۇلۇش، يات ماددىلار پەيدا بولۇش، ئۆت، بۆرەك، دوۋسۇندا تاش پەيدا بولۇش، ئۆسمە پەيدا بولۇش، تۇغما كەمتۈكلەرنى كۆپىنچە دەستىكارلىق (ئوپراتسىيە) ياكى جايىغا سېىلىپ تېڭىش، مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. بەزىلىرىنى دورا ئىشلىتىپ داۋالايدۇ. يەنى تاش ئېرىتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالايدۇ. بەزى ھاللاردا كېسەللىكنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالىغا ئاساسەن گۆشىنى كۆيدۈرگۈچى، قۇرۇتقۇچى، تازلىغۇچى، يېڭىدىن گۆش ئۈندۈرگۈچى، ئىششىق قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، تارتىشىپ قالغان قورۇلغان ئەزالارنى بوشاتقۇچى دورىلارنى قوللىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ قوشۇمچە داۋالاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن: كېسەل مۇھىتىنى ياخشىلاش، تازىلىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش، روھى جەھەتتە ياردەم بىرىش، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن كىسەلنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قىلىش، ئوزۇقلىنىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېسەل قۇۋۋىتىنى تىكلەش، ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالاش، پەرھىز بۇيرۇش، تەنتەربىيە بىلەن داۋالاش، ئومومى بەدەننى داۋالاش بىلەن بىرگە يەرلىك ئورننى داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىچى ۋە تىشىدىن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، كەسپنى ئالماشتۇرۇش، ھاۋا كىلىماتى مۇۋاپىق كېلىدىغان جايلارغا يۆتكەش، ھەمدە قۇياش نۇرى، ئارشاڭلار بىلەن داۋالاش، قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش، سوغاق ئۆتكۈزۈش، چىكە، قۇلاق ئارقىسى، تاپان، ئالقان، تېقىم، كىندىك، كىندىك ئۈستى ۋە ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارغا دورا چېپىش، تۇتۇپ، ئۇۋلاپ، سېرىپ داۋالاش، ئىستفراغ قىلىش (سۈرۈپ چىقىرىش)، قان ئېلىش، بۇرۇن ۋە تىل ئاستىدىن سۇ ئاققۇزۇش، دورا پۇرۇتۇش، ھورلاندۇرۇش، پىلتە قىلىش، ھومۇل قىلىش، فەرزىجە قىلىش، زىماد، تىلا، پاشۇيە قىلىش، لوڭقا ھىجامەت قويۇش، ئابزون قىلىش، ئىسلاش، داغلاش، كۆيدۈرۈش، زۈلۈك قۇرۇتى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ تاللاپ ئىشلىتىدۇ.

دورىلار ئىلمى ۋە ياسالما نۇسخلىرى ئىلمى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئەمىلىي سىناقلاردىن ئۆتۈپ پەيدىن- پەي مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

دورىلار ئىلمى، دورا ماتىرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يېغىش، ساقلاش، ئىش قوشۇپ پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، دورىلارنى خۇسۇسىيتى، كېسەللىكلەر ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىشىغا قاراپ 20نەچچە تۈرگە ئايرىيدۇ ھەمدە تۈرلەر بويىچە ھەربىر دورىنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيتى، تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، قوشۇمچە تەسىرى، قوشۇمچە تەسىرلىرىنى تۇزىتىش چارىلىرى، دورىلارنىڭ بەدىلى(ئورۇن باسارى)، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەپسىلى ئېنىق تونۇشتۇرىدۇ.

ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى جەھەتتە، تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە بۇنىڭدىن 1400يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرى دورىلارنىڭ ياسالما شەكىللىرىنى داۋالاش ئىھتىياجىغا قاراپ ساقلاش، ئىشلىتىش ۋە ئىچىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ھەب، سۈپۈپ، قۇرس، قايناتما، چىلانما، قىيام، شەرۋەت، رۇپ، مەجۈنات، ئەرەقىيات، زىماد، مەلھەم، قەترە (كۆزگە تامغۇزۇلىدىغان)، پەرزىجە، ھوقنە شياف، ۋە باشقا ياسالمىلارنى ياساپ ئىشلەتكەن ۋە ئۇلارنى ساقلاش تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولغان. زەھەرلىك دورىلار، كۈچلۈك تەسىر قىلغۇچى دورىلار ۋە ئادەتتىكى دورىلارنى بىر- بىرىدىن پەرىقلەندۈرگەن. دورىلارنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ھەمدە ئەمىلىي ئىمكانىيەتكە ئاساسەن، دورىلارنى ئاددى ياكى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى بىلگەن. جۈملىدىن ئاساسى دورا، ياردەمچى دورا ۋە بەدەل دورىلارنى قوللىنىش قائىدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزىرىيىۋى ۋە ئىلمى بىلىملىرى بولغان. ئۇيغۇر تىبابىتى ھازىرمۇ دورا ياسالما شەكىللىرىنى چوڭ جەھەتتە خىمىر دورىلار، قاتتىق دورىلار، تالقان دورىلار، سۇيۇق دورىلار، سىرىتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار دەپ 5تۈرگە، ھەر تۈرىنى نەچچە خىللارغا ئايرىيدۇ. يەنى خېمىر دورىلارنى: ئىتىرپىل، ئايارەج، تەرياق، لوئوق، جاۋارىش، مەجۈنات، لوبوپلارغا؛ قاتتىق دورىلارنى: بانادۇق، ھەب، قۇرسلارغا؛ تالقان دورىلارنى: سۇپۈپ، سۇنۇن، سۈرمە ۋە سەپمىلەرگە؛ سۇيۇق دورىلارنى: شەرۋەت، ئەرق، مۇراببا، گۈلقەن، چىلانما، لوئاپلارغا؛ سىرىتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى: ياغ مەلھەم، زىماد، ھوقنە، تامچىلارغا ئايرىيدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىۋى، مىقدارى، ياساش ئۇسۇلى، تەبئىتى، خۇسۇسىيتى، ئىشلىتىلىشى، ئىچىش مىقدارى ۋە ئۇسۇلى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى، دورا سۈرىگى، ساقلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ. رېتسىپ تەركىۋىدە زەھەرلىك دورا ۋە ئىش قوشۇشقا تېگىشلىك مەدەنلەر بولسا، ياسالمىنى ياساشتىن بۇرۇن زەھەرلىك دورىلارنى قانداق مۇدەپپەر (زەھەرسىز) قىلىش، مەدەنلەرنى قانداق كۈشتە قىلىشنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.     
«ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى» (بىرىنجى توم
يانفۇن :18167964343   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوڭ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى    

GMT+8, 2017-12-12 18:15 , Processed in 0.266108 second(s), 123 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش